دۈشەنبە كۈنى، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تىنچ ئوكياندا، ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىر يۇقىرىقى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئىكەن. مانېۋىرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيىنىڭ شەرقى دېڭىز قىرغىقىدىن 4 قوغدىغۇچى پاراخوتى، ئامېرىكىنىڭ 2 كىچىك ئۇرۇش پاراخوتى، ھىندىستاننىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشقان.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە باياناتچىسى مۇنداق دېدى: "ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان بىرلىشىپ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى بولسا، بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە ھەربىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېڭىزدا يۈرۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش".
توكيو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جىددىيچىلىكى سەۋەبىدىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە ئارىسىدا كۆپ يۆنىلىشلىك ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى يىغىنىدا شىنزو ئابې ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخانغا بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. (جۈمە)