ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە كېلەر يىلى 2 - ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان بىخەتەرلىك باياناتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە چىقىدىغان " نىخون كېيزاي شىمبۇن" گېزىتى خەۋىرىدە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ مەزكۇر ھەربىي كېلىشىمىدە، خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇشنى ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا ئوخشاش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېڭى تەھدىتلەرنى يىغىنچاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينى پەرەزدىكى دۈشمەن دەپ قاراش نەزىرىيىسى خىتاينىڭ كۈچلۈك غەزىۋىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئېلان قىلماقچى بولغان مەزكۇر بىخەتەرلىك باياناتنامىسى خىتاينى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى پات ئارىدا بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى 2 - ئايغىچە ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ۋە بىخەتەرلىك غايىسىنى قايتا بېكىتكەن ئاساستا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىدىكەن. ( پەرىدە )