كوندالىزا رايس شىمالىي كورىيىگە قوللىنىدىغان جازانى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن

"بىرلەشمە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا يادرو سىنىقى سەۋەبىدىن جازا قوللىنىش ھەققىدە چىقارغان قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس خانىم ئاسىيانى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. رايس خانىم بۇ قېتىمقى دېپلوماتىيە پائالىيىتى جەريانىدا، ئامېرىكا -ياپونىيە ئەھدىنامىسىدىكى "ياپونىيە باشقا دۆلەتنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالسا، ئامېرىكا ئۇنى قوغدايدۇ" دېگەن ماددىنى قايتىدىن تەكىتلىگەن. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، رايس خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا زىيارىتى شىمالىي كورىيىگە قوللىنىلىدىغان جازانى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تارو ئاسو ئەپەندى ب د ت نىڭ قارارى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا، شىمالىي كورىيىدە بىر چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭدا تىغ ئۈچىنى بىۋاستە ياپونىيىگە قاراتقانلىقىنى، ياپونىيە بولسا ب د ت نىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەنلا ئەمەس، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق باشقا خوشنا دۆلەتلەر بىلەنمۇ تېخىمۇ كۆپ جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان. (ۋەلى)