ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى
2004.12.24
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان 15 يىللىق قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئامېرىكا بىلەن چوڭ سۈركىلىش كېلىپ چىقىشقا تەۋەككۇل قىلغان بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان " پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەربىي تېخنىكىسىنى توڭلىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. " پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى " گېزىتىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، "ئۇلار خىتايلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈردە ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ ئېرىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
"پۇل - مۇئامىلە " گېزىتى يۇقىرىقى ئەمەلدارنىڭ "بۇ ياۋروپالىقلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەس،" دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئاينىڭ باشلىرى، خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىكار قىلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى. " پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى توختاتسا، ئەنگىلىيىنىڭ بائە سېستىمىسى شۇنداقلا رولس- رويس قاتارلىق شىركەتلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرويدېر خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئىمبارگونى بىكار قىلىش "سىگنالى" بېرىشى مۇمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
- خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى