خىتاي ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى

باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 22 دۆلەتتە 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 % كە يېقىنى خىتايدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۈر تەشكىلات، دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىپ، خىتايدا زوراۋانلىق جىنايىتىدىن تاشقىرى، باج ئوغرىلاش، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ، ئۆلۈك مەھبۇسلارنىڭ ئەزاسىنى يۇقىرى باھادا سېتىش قىلمىشى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مۈستەقىللىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەتلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.(ئەقىدە)