خىتاي دىكتاتور دۆلەتلەرگە قورال سېتىۋاتىدۇ
2006.06.12
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۈشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سودان ۋە بىرما قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەتلەرگە قورال سېتىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، سودان، نىپال، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، مىللىي ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لېكىن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنسىتىرى لىي خۇي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يېغىنىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىلىشىملەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1990-يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت دۆلەتلەرگە قورال سېتىش مەسىلسىدە يېڭى قائىدە- پرىنسىپلار بېكىتىپ، قورال ئىكسپورت قىلغان دۆلەتلەردىن بۇ قوراللارنى پەقەت ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن يولغا قويولغان قائىدە- پرىنسىپلار ئېنىق ئەمەس ئىكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى يولغا قويغان بۇ قائىدىلەرگە ھېچقاچان ئەمەل قىلمىغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- دارفۇر ۋەزىيىتى ۋە جوڭگو
- خىتاي ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى