خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ۋەدىسىدە تۇرمىدى دەپ ئەيىبلىدى


2006.09.21

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى‏ 21 ‏- سېنتەبىر كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2008 ‏- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى، ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا رايونىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى بابۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "ئەگەر ئاخبارات مۇخبىرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى، ئۆز كۆڭلىدىكىنى بىمالال ئىپادىلەلمىسە، تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلار ئىزچىل قېيىن قىستاققا ئېلىنسا ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە، جىنايەتچىلەرنى مەخپىي يوسۇندا ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرسا، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ" دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چوقۇم كاپالەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ئىنتېرنېت مۇشتىرىلىرى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرغان. دوكلاتتا يەنە، خىتايدا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئادىل بولمىغان سوت ھۆكۈمى بىلەن جازالىنىپ، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نۆۋەتتە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.