خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى


2005.11.11

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى باشلىنىپ سەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۆشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىسپانىيىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ ئارىدا فالۇنگۇڭ مەزھىبى شەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خۇ جىنتاۋ زىيارەت جەريانىدا ئىسپانىيە باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ئىسپانىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە خىتاي - ئىسپانىيە سودا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى زاپاتېرونى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسپانىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئېستابان بېلتران، “ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۆلۈم جازاسى، تەن جازاسى، مەھبۇسلارنى خارلاش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، پۇقرالارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردە خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىغا سەل قاراپ كەلمەكتە” دەپ تەكىتلىگەن.

باش مىنىستىر زاپاتېرونىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتايغا قارىتىلغان قورال- ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى قوللايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.