باش كاتىپ كوفىي ئاننان خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى

ب د ت باش كاتىپى كوفىي ئانناننىڭ شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ب د ت خام چوتى ۋە " جىددىي سىياسى مەسىلىلەر" سەۋەبىدىن بىكار قىلىندى.

كوفىي ئانناننىڭ ياردەمچى باياناتچىسى مارىيا ئوكابېنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كوفىي ئاننان خىتاي ھۆكۈمىتى، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئوكابې، كوفىي ئانناننىڭ " ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ خام چوت مۇزاكىرىسى ۋە جىددىي سىياسى مەسىلىلەر" تۈپەيلىدىن بۇ دۆلەتلەرگە بارماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوكابې، " جىددىي سىياسى مەسىلىلەر" نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. كوفىي ئاننان خىتاينى زىيارەت قىلغان بولسا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن ب د ت ئىسلاھاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە قارشى تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي، پاكىستان، زىمبابۇۋى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ ئۆز رولىنى يوقاتتى، دەپ قارىماقتا ئىدى. (ئەركىن)