ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان رايونى بۇيىچە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خانويدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىىيا ‏- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئاۋسترالىيە، برۇنېي، كانادا، چىلى، خىتاي، خوڭكوڭ، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، مالايشىيا، مىكسىكا، يېڭى زىللاندىيە، پاپۇئا يېڭى گېنىيە، پىرۇ، جەنۇبىي كورىيە، فىلىپىن، رۇسىيە، سىنگاپور، تەيۋەن، تايلاند، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىقتىسادى ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرلىرى ھازىر ۋېتنامنىڭ خانوي شەھىرىگە توپلاندى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئاسىىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئەركىن سودىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق گۈللىنىش تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىشمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنىڭ بىر تېمىسى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خانويدىكى بۇ يىغىنغا كېلىش سەپىرىدە موسكۋادا توختاپ، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرودرومدا كۆرۈشۈپ قىسقىچە سۆھبەتلەشكەن. (ۋەلى)