ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ، ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا ئۇچراشتى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ، بۇشنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما پرېزىدېنت بۇش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا، تەيۋەن مەسىلىسى، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
پرېزىدېنت بۇش مۇخبىرلارغا: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى، خىتايدا ئۆكتىچىلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى، تىبەت مەسىلىسى، ئىران، سۇدان ۋە كورىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلىلەردە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)