جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەر تەۋرەشتە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، ئاسىيانىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 بال ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەشتىن پەيدا بولغان دېڭىز دولقۇنلىرى سېرلانكا، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، تايلاند ۋە مالايشىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنە داۋاملىق ئاشماقتا.

سىرلانكا نۆۋەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە 3500 دىن ئاشقان. يەر تەۋرەشتىن كۈچەيگەن دېڭىز دولقۇنلىرى سېرلانكىنىڭ بىر كەنتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان.

يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرى يەنە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىكى 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. تايلاندتىكى ئىككى ساياھەت ئورنىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرغىچە ساياھەت ئورنىدىكى خادىملار ۋە ساياھەتچىلەردىن بولۇپ جەمئىي 310 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى تېپىلمىغان.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھىندونېزىيىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4422 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ سان يەنە تېز ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋەقەسى 1900 - يىلىدىن بۇيانقى دۇنيادىكى 5 - چوڭ يەر تەۋرەش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(ئارزۇ)