ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى


2004.12.28

ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز سۈيى تېشىپ كېتىش ئاپىتىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان 10 دۆلەتتىن ھازىرغا قەدەر 55000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

سىرلانكا دائىرىلىرى، نۆۋەتتە قازا قىلغان ئادەم سانىنىڭ 18 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، 1 مىليون ئادەمنىڭ ماكانسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھىندونېزىيە دائىرىلىرى بولسا بۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ 27 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئايروپىلانلىرى نىشانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامما ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا بېنزىن ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا، ئاپەت رايونىغا ئاشلىق سۇ ۋە دورا قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزەلمىگەن.

يەر شارى مىقياسىدا 40 يىلدىن بېرى يۈز بېرىپ باقمىغان بۇ قېتىمقى ئاپەتتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە ، سىرىلانكا، ھىندىستان، تايلاند، بىرما، مالايسىيا، مالدىۋى، بىنگال، سومالى ۋە تانزانىيە قاتارلىق 10 دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.