سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى


2004.12.29

ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان سۇنامى دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ بېرىپ، چارشەنبە كۈنى 77 مىڭغا يەتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ساننىڭ ھەتتا 100 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خەلقئارا تەشكىلاتلىرى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تاراپ كېتىشىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلماقتا.

بۇ ئارىدا ئاپەت رايونىغا قىلىنغان خەلقئارالىق ياردەملەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپكى قەدەمدە 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم ئەۋەتتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھەرقاچان جىددىي ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئاننان چارشەنبە كۈنى ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كېلەر يىلنىڭ ئىچىدە دېڭىز دولقۇنىنى ئالدىنئالا بىلەلەيدىغان ئەسۋاپلارنى پۈتۈنلەي ئورنۇتۇپ بولۇشقا چاقىرغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.