ئامېرىكىدا 8 - ئاي ئىچىدە "كاترىنا" دەپ ئاتىلىدىغان دەھشەتلىك دېڭىز چاپقۇنى يۈز بەردى. ئالدى بىلەن 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان مەيئامى قاتارلىق شەھەرلەردىن ئۆتكەن بۇ چاپقۇن، سائىتىگە 120 كىلومېترلىق سۈرئەت بىلەن مەيئامى شەھىرىدىن ئۆتكەندە، 6 ئادەم قازا تاپقان، بىر قىسىم دەل - دەرەخلەر، تۇرالغۇلار، قاتناش كۆۋرۈكلىرى زەخمىلەنگەن، 1 مىليون 500 مىڭ ئاھالە ئېلېكتىرسىز قالغان، بىر مۇنچە مەھەللىلەرنى سۇ بېسىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئاھالىلىرى ئۆز- ئارا كېمە - قۇلۋاقلار بىلەن سۇ ئۈزۈپ يۈرۈپ ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز چاپقۇنى ھەققىدە خەۋەر بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى بۇ ھەقتە يەنە خەۋەر مەلۇم قىلىپ، "كاترىنا" ناملىق دېڭىز چاپقۇنىنىڭ 29 - چىسلا كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى دېڭىز قولتۇقىغا جايلاشقان نيۇ-ئورلىن شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەردىن كېيىن، لۇزىئەننا، مىسسىسپى، ئالاباما قاتارلىق شتاتلاردىكى دېڭىز قىرغاقلىرىغا جايلاشقان يۇرتلاردا، يەرلىك ئاھالىلارنىڭ سەپ تارتىپ شىمالغا قاراپ كۆچۈشى باشلاندى.
"ب ب س" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "كاترىنا" چاپقۇنى نيۇئورلىن شەھىرىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ شەھەرنىڭ 80٪ ئاھالىسى ئاللىقاچان شىمال تەرپكە قاراپ يولغا چىقىپ بولغان. كۆچۈپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ياكى ئامالسىز قالغان ئاھالىلارمۇ شەھەردىكى مۇسابىقە سارىيى قاتارلىق ئەڭ چوڭ ۋە ئىنتايىن مۇستەھكەم سېلىنغان قۇرۇلۇشلارغا پانالاندۇرۇلۇپ بولغان.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "كاترىنا" چاپقۇنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا، نيۇ-ئورلىن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى 1 مىليون 400 مىڭ شەھەر ئاھالىسىنى شەھەردىن كۆچۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىمالغا ماڭىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسى كۆچۈپ چىقىۋاتقان ئاھالىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن تولغان. مۇشۇ كۈنلەردە دېڭىز چاپقۇنى تۈپەيلىدىن، مېكسىكا قولتۇقىدا ھەركۈنى 650 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئىشىغا تەسىر يەتكەن. 7 جايدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە نېفت تۇرۇبىلىرى ئىشتىن توختىغان.
"فرانسىيە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېكساس شتاتىدا ئۆزىنىڭ داچىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دېڭىز چاپقۇنى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پۈتۈن ئامېرىكىنى دېڭىز قولتۇقىدىكى نيۇ-ئورلىنغا ئوخشاش شەھەرلەرنىڭ خەلقىنى دېڭىز چاپقۇنىدىن قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان.
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەتىگەندە، "كاترىنا" چاپقۇنى سائىتىگە 230 كىلومېترلىق سۈرئەت بىلەن نيۇ-ئورلىن شەھرىگە يېتىپ كېلىشكە باشلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا رايى خادىملىرى يەنە، بۇ قېتىمقى دېڭىز چاپقۇنىنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك چاپقۇن ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا نيۇ-ئورلىن ئاھالىلىرىنىڭ بەختىگە يارىشا، بۇ چاپقۇننىڭ يۆنۈلىشىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن نيۇ-ئورلىن شەھرىگە كېلىدىغان ئاپەتنىڭ دەرىجىسى سەل تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھامان سۇ بېسىپ كېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
"بىرلەشمە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "كاترىن" چاپقۇنى نيۇ-ئورلىن شەھىرىگە بۈگۈن ئەتىگەندە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ ۋە مۇستەھكەم دەپ ھېسابلاپ، كۆچەلمەيدىغان ئاھالىلارنى پانالاندۇرغان، 77 مىڭ كىشىلىك ئورۇندۇقى بار مۇسابىقە سارىيىمۇ، بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۆگزىسىدىن 2 تۈشۈك ئېچىلىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى چاپقۇنغا ئۇچرىغان جاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن، پەقەت لۇزىئەننا شتاتىنىڭ دائىرىسىدىلا يەنە 370 مىڭ ئاھالە ئېلېكتىرسىز قالغان.
"رويترىس ئاگېنىتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى "كاترىنا" چاپقۇنى ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك چاپقۇن بولۇپ قالغان. چاپقۇننىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقان خادىملەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى "كاترىنا" چاپقۇنىغا ئۇچرىغان جايلاردا كۆرىلىدىغان زىيان تەخمىنەن 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن. (ۋەلى)