" كاتىرىنا " ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى


2005.08.30

كاتىرىنا، دەپ نام بېرىلگەن دېڭىز قۇيۇنى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، مىسسىسىپى شتاتىدا ئېغىر ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىسسىسىپى شتاتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلگەنلەر 80 گە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

كۈدرەتلىك قۇيۇن لۇيىزىئانا، ئالاباما ۋە مىسسىسىپى شتاتلىرىنىڭ كەڭ رايونلىرىدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى. بۇ رايونلاردا ئېلېكتىر توكى توختىدى. ئۆي- ئىمارەتلەر ۋەيران بولدى. دەل- دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇۋەتتى. بەزى رايونلارنى سۇ بېسىپ كەتتى. يېڭى ئورلاند شەھىرى ئېغىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆگزىگە چىقىۋالغان پۇقرالارنى قۇتقۇزماقتا. پەرەزلەرگە قارىغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

كاتىرىنا قۇيۇنى دۈشەنبە كۈنى قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان رايونلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا ئېلىكتىر توكى بىلەن تەمىنلىنىشتىن مەھرۇم قالدى. دائىرىلەر كىشىلەرنى ۋاقتىنچە ئۆيىگە قايتماسلىققا ئاگاھلاندۇرماقتا. ھاۋا رايى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا قۇيۇن مەركىزى ھازىر مىسسىسىپىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، شەرقىي - شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتىكەن. پرېزىدېنت بۇش تېكساستىكى تەتىلىنى يېرىم يولدا توختاتتى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كېلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.