كىشىلەر رىتا دېڭىز قۇيۇنىدىن قاچماقتا

" رىتا" دېڭىز قۇيۇنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا مېكسىكا قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش ئالدىدا، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تېكساس ۋە لۇيىزىئانا شتاتلىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

تېكساس شاتاتىدا تارىختىن بېرى كۆلىمى ئەڭ زور تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلماقتا. بۇنىڭ بىلەن قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئارىدا بېنزىن بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، بېنزىن ئىستانسىلىرىدا ماي قالمىغانلىقتىن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ئايروپىلان ئىستانسىلىرىدا پۇقرالار رايوندىن تېزرەك كېتىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلىماقتا. چۈنكى بىر قانچە سائەتتىن كېيىن رايوندا ھاۋا قاتنىشى پۈتۈنلەي توختىشى مۇمكىن.

پرېزىدېنت بۇش جۈمە كۈنى كەچتە تېكساس شتاتىغا بېرىپ ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. تېكساس شتاتىنىڭ ۋالىسى فېدىرال ھۆكۈمەتتىن 10 مىڭ كىشىلىك ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. لۇيىزىئانا شتاتىدا دائىرىلەر پۇقرالارنى دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن ئايرىلىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىلدى. يېڭى ئورليان شەھىرىدىكى پۇقرالار، شەھەرنىڭ 2 - قېتىم سۇ ئاستىدا قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

قۇيۇننىڭ كۈچى ھازىر 5 بالدىن 4 بالغا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە. پرېزىدېنت بۇش تېكساس ۋە لۇيىزىئانا شتاتلىرىدا جىددى ھالەت ئېلان قىلدى. ئامېرىكا زېمىن قوغداش مىنىستىرلىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك جىددى ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەن. (ئەركىن)