پاكىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 20 مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلدى
2005.10.09
جەنۇبىي ئاسىيادا يەنى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەش ، ئاز دېگەندە 19 مىڭ 5 يۈز كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 7.6 بالغا يەتكەن بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن. لېكىن ھىندىستان تەرەپمۇ 600 گە يېقىن كىشىنىڭ بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەف دەرھال خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىر دورا، چېدىر، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر پاكىستانغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىنى باشلاپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، تايلاند، گېرمانىيە ۋە ئاۋىسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى پاكىستانغا 870 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن پاكىستانغا قاراشلىق بۇ كەشمىر رايونىدىكى ئون نەچچە يېزا-كەنت پۈتۈنلەي تۈزلىنىپ كەتكەن. شۇنداقلا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار، ھەربىيلەر ۋە مەكتەپ بالىلىرى ئىكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاغ سېرىلىش تۈپەيلىدىن بۇ يەردىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىرى توسۇلۇپ قالغاچقا، بۇ ئەھۋال قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان. (پەرىدە)