پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر جىددىي كۆپەيمەكتە
2005.10.11
ئۆتكەن شەنبە كۈنى پاكىستان بىلەن ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 23 مىڭغا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شارپو، دەسلەپتە پاكىستاندا ئۆلگەنلەر 33 مىڭغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما كېيىنرەك پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز ئۆلگەنلەرنى23 مىڭ ،دەپ جاكارلىدى. دائىرىلەر، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ئارىدا تەۋرەش رايونىغا ياققان قارا يامغۇر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى. ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ياردەم بۇيۇملىرى توشۇيدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. ئاپەت رايونىغا بارىدىغان تاغ يوللارنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تاشيول ترانسىپورتىدا يەتكۈزۈش توسالغۇغا ئۇچرىماقتىكەن.
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا بەزى يېزا - قىشلاقلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ھازىرغىچە يېتىپ بارالمىغان. ناچار ھاۋا كىلىماتى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاقسىتىش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر تالادا تۈنەشكە مەجبۇر بولماقتىكەن.
ھىندىستان كونتروللىقىدىكى رايوندا ھازىرغا قەدەر 1300 ئادەم ئۆلگەن. ب د ت ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە 272 مىليون دوللار كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ب د ت نىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا پۇقرالارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا 2.5 مىليون چېدىر كېتىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر كۆپەيمەكتە
- پاكىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 20 مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلدى
- "رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلققە 700 مىليون دوللار تارقاتتى