ھىندونېزىيىدىكى ئاپەت رايونىغا خەلقئارا ياردەملەر بېرىلمەكتە

خەلقئارادىن كەلگەن كەڭ كۆلەمدىكى قۇتقۇزۇش بويۇملىرى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئارقا-ئارقىدىن ھىندونېزىيىتىنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ ياردەم بويۇملار دەرھال كېرەكلىك جايلارغا يەتكۈزۈلمىسە، ئاپەت رايونىدىكى قىيىنچىلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن.

ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى خەلقئارا جامائىتىدىن بۇ رايونغا قىلىدىغان ياردەمنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى. شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشتى ھەمدە 10 مىڭدىن كۆپ كىشى يارىلىنىپ، نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى ئۆي-پاناھسىز قالدى.

ئاپەتتىن كېيىن بۇ رايونلاردا توختىماي يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبلىك، ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالدا قالغان. ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئاز دېگەندە يەنە 3 ئاي داۋام قىلىدىكەن. ھازىرغىچە 29 دۆلەت ھىندونېزىيىگە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان. (پەرىدە)