ياپونىيە 2005 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى
ياپونىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ 2005 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، تېررورچىلىق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق يېڭى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي كۈچىگە دىققەت قىلىش زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتتى.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ دوكلاتنىڭ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇكەممەل سېستىما قۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئاكتىپچانلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ياپونىيە مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بارغانسېرى ھەرىكەتچانلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ھەتتا ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز ساھىلىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى يازغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ياپونىيىنىڭكى بىلەن بولغان پەرقىنى ئېنىقلايدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتىنىڭ باشلىقى، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئارمىيىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، خىتاي تەرەپ ياپونىيىنىڭ بۇ دوكلاتىغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- مەخپىي ھۆججەت: ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قاتار ھەربىي قۇرۇلۇشلاردىن خەۋەرسىز قالغان
- خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي، ياپونىيىنىڭ شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىشنى توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى