چارشەنبە كۈنى فرانسىيە ھەربىي دوختۇرخانىسى، پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئىمامى تايسىر تامىمىغا پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافاتنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن پەلەستىن ئارافاتنىڭ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن ئەمەلدارلىرى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئارافاتنىڭ نامىزىنى قاھىرەدە چۈشۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. شۇنداقلا مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ بىر نەپەر باياناتچىسىمۇ نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ نەزىر تەييارلىقلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئارافات ھازىر قاتتىق ھۇشسىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولۇپ، پەلەستىن دائىرىلىرى ئارافات قازا قىلسا، ئۇنى ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى راماللاغا كۆمۈشنى قارار قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات قازا قىلىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا پەلەستىن پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋاقىتلىق رەھبەر بولۇپ تۇرىدىكەن.(پەرىدە)