پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات راماللاغا دەپنە قىلىندى


2004.11.12

پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافاتنىڭ مېيىتى مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، جۈمە كۈنى پەلەستىنگە ئېلىپ كېلىندى. ئۇنىڭ مېيىتى شۇ كۈنى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان پەلەستىن خەلقىنىڭ كۆز ياشلىرى ئىچىدە دەپنە قىلىندى.

ياسىر ئارافاتنىڭ جىنازا نامىزى قاھىرەدىكى بىر ھەربىي لاگىرنىڭ مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك ستراۋ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېشكا فىشېر، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكېل بارنېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى ۋىليام بېرنس، ھىندىنوزىيە پرېزىدېنتى بامباڭ يۇدىيونۇ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە ئابدۇللالار، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى چەتئەل رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

قاھىرەدىكى جىنازا نامىزىدىن كېيىن راماللاغا ئېلىپ كېلىنگەن ياسىر ئارافاتنىڭ مىيىتى، ئۇنىڭ راماللادىكى قارار گاھىنىڭ باغچىسىغا دەپىن قىلىندى. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پەلەستىن خەلقى مۇسىبەت ۋە كۆز ياشلىرى ئىچىدە " ئابۇ ئاممار" دىگەن نام بىلەن تونۇلغان ياسىر ئارافاتنى مۇسىبەت بىلەن ئاخىرەتكە ئۇزاتتى. ياسىر ئارافات ئەسلى مىيىتىنىڭ قۇددۇس شېرىپتىكى ئەل-ئاقسا مەسچىتىگە دەپىن قىلىنىشىنى ئۈمىت قىلغان. ئەل- ئاقسا، ھەزرىتى رەسۇلىللانىڭ مىراج مۆجىزىسى يۈز بەرگەن مۇقەددەس ماكان. بىراق ئىسرائىلىيە ياسىر ئارافاتنىڭ بۇ يەرگە دەپىن قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمىدى.ياسىر ئارارفات پەيشەنبە كۈنى فرانسىيىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.