ياپونىيە خىتاينىڭ تالاش- تارتىشتىكى دېڭىز تېررىتورىيىسىنى ئېچىشىغا قارشىلىق بىلدۈردى


2005.09.21

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش تارتىشتىكى رايوندا تەبىئىي گاز قېزىشقا باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا بۇ رايۇندا تەبىئىي گاز ئاچقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، بېيجىڭ، خىتاينىڭ شەرقى بىلەن توكيونىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئارىلى ئارىسىدىكى رايۇندا تەبىئىي گاز قازغانلىقىنى ئىنكار قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭگاڭ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تەبئىي گاز ۋە نېفىت كانىنى ئېچىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېنىقلىمىغان. ئەمما ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشتىكى رايۇنلار ھەققىدە ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ شەرقىي جوڭگو دېڭىزىدا چېگرا ئىختىلابى بار بولۇپ، ئىككىلا دۆلەت تەبىئىي بايلىققا مول بولغان شەرقىي دېڭىزدىكى قسىمەن رايۇننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالاشماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.