ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى كېۋىن رۇد يەرلىك ئابورجىنلاردىن ئەپۇ سورىدى

ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى كېۋىن رۇد 2 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان ئابورجىنلارنىڭ بۇرۇن ھاقارەتكە، كەمسىتىشكە ئۇچراپ قاتتىق ئازاپ چەككەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇلاردىن رەسمىي ئەپۇ سورىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىمۇ بۇنى قارشى ئالدى. كېۋىن رۇدنىڭ پارلامېنتتا ئېلان قىلغان ئەپۇ سوراش سۆزىنى ئابورجىنلارنىڭ 100 نەپەر ۋەكىلى نەق مەيداندا ئاڭلىدى.

ھازىر ئاۋسترالىيىدە ساقلىنىپ قالغان يەرلىك ئابورجىنلارنىڭ نوپۇسى 460 مىڭ ئەتراپىدا، ئۇلار ھازىر ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ %2 نى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلا ئەمەس، بەلكى ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ نامرات جامائەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئاۋسترالىيە پرېزىدېنتى كېۋىن رۇد سۆزىدە تارىختىكى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى يەرلىك ئابورجىنلارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئاق تەنلىكلەر مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىپ بېقىۋېلىپ چوڭ قىلىدىغان ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا ئەپسۇسلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە پايتەختى كامپىراغا توپلانغان يەرلىك ئابورجىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان خەلق، كېۋىن رۇدنىڭ يەرلىك خەلقتىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى قارشى ئالدى. بەزى كىشىلەر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابورجىنلارغا تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى. نەق مەيداندىن بېرىلگەن ئاڭلىتىش ۋە كۆرۈنۈشلەرنى پۈتۈن ئاۋسترالىيە خەلقى ھەممە چوڭ شەھەرلەردە تولۇق ئاڭلىدى ۋە كۆردى. (ۋەلى)