خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قول تىقماسلىققا چاقىردى


2005.05.03

خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتى دۈشەنبە كۈنى 15 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قول تىقماسلىققا چاقىردى. خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، "ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قول تىقىش غەرىزى بار. ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەتلەر ئاخبارات - مەتبۇئات پائالىيەتلىرىگە قول تىقىش غەرىزىدىن ۋاز كېچىش،" دەپ كۆرسەتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتى خىتاي، بېرما، نېپال، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاخبارات كونتروللۇقى ئەڭ قاتتىق دۆلەتلەر دەپ ئاتىغان.

خەلقئارا ئاخبارات جەمىيىتى، يۇقىرى ئەللەرنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلمايدىغان، مىنىستىرلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن قاچىدىغان، ھەتتە بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەر، دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2004 - يىلى دۇنيا بويىچە 78 نەپەر مۇخبىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيا بويىچە 107 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ ئاز كەم 30 نەپىرى خىتايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى قەشقەرلىق ئىختىيارى مۇخبىر ئابدۇغېنى مەمتىمىننى، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە خەۋەر يوللىغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئالغان ئىدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.