بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا 10 ئاي قالغان بىر مەزگىلدە مەركىزى نيۇ يوركتىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات ئالدىنقى كۈنى بىر قارار ماقۇللاپ، خىتاينى ئۆز ۋاقتىدا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تالاشقاندا بەرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاخباراتتا يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكى" ۋە " دۆلەت بىخەتەرلىكى" گە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان تۈرمىدىكى 29 نەپەر مۇخبىرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مەبلەغ چىقارغان شىركەتلەر ھەم ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئۆز تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش شۇنداقلا خىتاينى ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئۈندەش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىق، دەپ قارىماقتا.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىڭمىڭ، جۈمە كۈنى ئولىمپىك يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز سىياسىي ئىشلارنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن باغلىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈردى، دەيدۇ.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يەنىلا ناچار، بەزى رايونلاردا تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)