چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2007 ‏- يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

2008-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 2007 ‏- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالىغا كۆز يۈگۈرتتى.

دوكلاتتا 2007 ‏- يىلىدا دۇنيادا 86 نەپەر مۇخبىر بىلەن 20 نەپەر ئاخبارات ياردەمچىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 887 نەپەر مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، 1511 نەپەر مۇخبىر زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان. 67 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىنغان ، 528 ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئىنتېرنېت تور بېتىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغان ھەمدە ، دۇنيادىكى تور بېتىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىنكاس قىلغان 37 نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 21 ىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، 2676 تور بېتى تاقىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان .

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر يىللىق دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئىراق ، سۇمالى ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ ، خىتايدا بولسا 33 مۇخبىرنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىتى ئېلىپ تاشلانغانلىقى شۇنىڭدەك ئىنتېرنېتتە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلغان 50 نەپەر ئۆكتىچىگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن ، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئاخبارات ساھەسىگە قارىتىلغان كونتروللۇقىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت