"چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتاينى ئەيىبلىدى
2005.12.14
باش شىتابى پارىژدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" چارشەنبە كۈنى خىتاينى، دوڭجوۋدىكى ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى ئېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەرنى توسىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدىكى قانلىق ۋەقەگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىدى" دەپ يازغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغىچە پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىنكاسىنىلا بېرىپ، ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشتا 3 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن نامايىشچىلار بۇ ۋەقەدە 30 نەچچە كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر بۇ سان توغرا بولسا، ئۇ ھالدا بۇ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
"چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدە ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەشكىلات ھەتتا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە كىرىپ خىتايچە "دوڭجوۋدا كىشىلەر ئۆلتۈرۈلدى" دېگەن سۆزنى يازغاندا، بۇ شۇ زامانلا رەت قىلىنغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەنگە مۇكاپات بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى
- بېيجىڭ دائىرىلىرى چەتئەل گېزىت - ژورناللىرىنى خىتايدا بېسىپ تارقىتىتىشقا يول قويۇش پىلانىدىن ۋاز كەچتى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى
- خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ
- خىتاينىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى چەكلەش سىياسىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى