مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى


2006.01.27

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى "خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش" تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " فۇجۇۋ گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى لى چاڭچىڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا لى چاڭچىڭنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى لى چاڭچىڭغا چەتئەل توت بەتلىرىنى " دەككە - دۈككىگە سالىدىغان ئۇچۇرلار" بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئۇ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى فۇجۇۋدىكى بىر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لىنىڭ ئادۋۇكاتى مو شاۋپىڭنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئۇنى " خاتا ۋە دەككە دۈككىگە سالىدىغان ئۇچۇرلار" نى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە درىكتورى ئانن كوپپېر، " بۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئادالەتسىزلەرچە جازالاش ' دەيدۇ. ئۇ باياناتىدا لىنىڭ " دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى" تەلەپ قىلدى. مو شاۋپىڭنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، لى چاڭچىڭ خۇاڭ جىنگو ھەققىدە ماقالە يازغاندىن كېيىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرغان كومپارتىيە كادىرى خۇاڭ جىنگو، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دۇنيا بويىچەمۇخبىر ۋە ژورنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولانغان دۆلەت ئىكەن. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاينى " ئىنتېرنېت دۈشمىنى"، دەپ ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى " قەشقەر ئەدىبىياتى" نىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىننى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ " ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.