چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باش مۇھەررىرنى ئۇرغان ساقچىلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە چىقىدىغان " تەيجۇ كەچلىك گېزىتى" نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋۇ شياڭخۇ، بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى شۇ جايدىكى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ پەيشەنبە كۈنى ئۆلگەندىن كېيىن، مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋۇ شياڭخۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ساقچىلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات، "بۇ ۋەقە بىر جىنايى قىلمىش، مەمۇرى سەۋەنلىك ئەمەس " دەيدۇ. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېزىتخانىغا بېسىپ كىرىشكە يىتەكچىلىك قىلغان قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلمىغان. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، " جۇڭگو ھۆكۈمىتى جاۋاپكارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش بىلەن بولدى قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن ساقچىلاردا مۇخبىرلارنىڭ ھايات - ماماتىغا قارار قىلىش ھوقۇقى بار،دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۈمكىن " دەپ تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا "تەيجۇ كەچلىك گېزىتى" مەزكۇر شەھەردىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن قالايمىقان پۇل ئالغانلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، 50 تەك قاتناش ساقچىسى تەيجۇ كەچلىك گېزىتخانىغا بېسىپ كىرىپ ۋۇ شياڭخۇنى قاتتىق ئۇرغان. تەيجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى، ۋۇ شياڭخۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ھازىرغىچە ۋۇ شياڭخۇنى ئۇرغان ساقچىلار ئۈستىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. ۋۇ شياڭخۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ درىكتورى ئەنن كۇپېر، ۋۇنىڭ ئۆلۈمى " جۇڭگو مۇخبىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ قانچىلىك ۋەھشى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ " دېدى. (ئەركىن)