چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: جۇڭگو ئاسىيا دىمۇكراتىيە گەۋدىسىنىڭ راك كېسىلى


2006.05.02

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاينى ئاسىيادىكى "دىمۇكراتىيە گەۋدىسىنىڭ راك كېسىلى"، دەپ ئەيىبلىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنى ئىجتىمائىي جىددىيچىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلاشتىن توسىماقتا ۋە چەتئەللىك ژورنالىستلار ۋە يەرلىك مۇخبىرلارنى قولغا ئالماقتا، دەپ تەنقىدلىگەن. جۇڭگو ئاسىيادىكى "دىمۇكراتىيە گەۋدىسىنىڭ راك كېسىلى"، دەپ تەكىتلىگەن چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، "ئىپادە ئەركىنلىكى كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا،" دەيدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىققا دۇچ كەلگەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى كونترول قىلىش يولىنى تاللىۋالغان. مەتبۇئات ئۆز ئۆزىنى چەكلەشكە مەجبۇر قىلىنىپ، ئىنتېرنېت تازىلاشقا ئۇچرىغان، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى چەتكە قېقىشقا باشلىغان."

دوكلاتتا مۇخبىرلارنى قولغا ئېلىش مەسىلىسى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي بويىچە ئاز دېگەندە 32 مۇخبىر تۈرمىگە تاشلانغان. " تۈرمىگە تاشلاش ئىستىبداتلارنىڭ مۇخبىرلارنى جىمىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ئۆتكۈر قورالى،" دەپ تەكىتلىگەن مەزكۇر تەشكىلات، بۇ جەھەتتە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدا يىلدىن يىلغا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.