خىتاي، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى بىلەن ئەيىبلەندى


2006.05.03

2‏- ماي كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئورگىنى ھېسابلانغان داڭلىق خاتسون ئىنىستىتۇتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قانچە مۇستەقىل يازغۇچى ۋە ئادۋوكاتلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتايدا دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مۇستەقىل يازغۇچى يۈ جيې يىغىندا، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولۇشىنىڭ، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "خىتايدا ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى بولمايدىكەن، ئۇ چاغدا ھەقىقىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ بولمايدۇ" دېدى.

خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ۋاڭ يى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ بۇرۇندىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خۇ جىنتاۋ دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنىڭ روشەن ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ يىغىنغا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئادۋوكات لى بەيگۇئاڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گو فېيشيوڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ، خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.