ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇلىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىسىنى تەنقىت قىلدى


2006.09.11

'ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېلىگىيىنىڭ پايتەختى بروسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى 11 ‏- سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى چەكلەيدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى قاتتىق تەنقىت قىلغان. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جوھانېس لايتېنبۇرگ ئەپەندى 'بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئۇچۇرلىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقى خىتاي- ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە سەلبىي رول ئوينايدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى 10 ‏- ئاي ئىچىدە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ياۋرۇپا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.