'ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېلىگىيىنىڭ پايتەختى بروسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى 11 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى چەكلەيدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى قاتتىق تەنقىت قىلغان. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جوھانېس لايتېنبۇرگ ئەپەندى 'بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئۇچۇرلىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقى خىتاي- ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە سەلبىي رول ئوينايدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى 10 - ئاي ئىچىدە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ياۋرۇپا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (ۋەلى)