ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يېڭى مەتبۇئات بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
2006.09.12
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاخبارات پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى جوھاننېس لېيتىنبېرگېر، خىتاينىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاي ئاخبارات بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە" ھەقىقى تۈردە ئەندىشىمىزنى قوزغىماقتا " دەپ كۆرسەتتى.
لېيتىنبېرگېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا كومىتېتى بۇنى خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى " سەلبىي تەرەققىيات" دەپ قارىغان. ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ خېلسىنكىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايلارغا " بىز بۇ خىل چەكلىمىگە قارشى تۇرۇمىز " دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
لېيتىنبېرگېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مەسىلە بۇ يىل 10 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. يېڭى بەلگىلىمىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتايدا خەۋەر، رەسىملىك خەۋەر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئېلان قىلماقچى بولسا، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.
يېڭى بەلگىلىمە بويىچە "خىتاينىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇدىغان خەۋەرلەر" چەكلىنىدىكەن. فىنلاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئېرككى توميوجا خىتاينىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلدى. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، " بۇ بەلگىلىمە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدىكى ئاخبارات پائالىيىتىگە قارىتىلمىغان " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارغانلىقىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 كۈندىن كېيىن خەۋەر قىلدى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇلىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىسىنى تەنقىت قىلدى
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ياۋروپا بىرلىكىدىن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي سىنگاپور "بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرىنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى