چېگرىسىىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ مۇخبىرلارنى قاماپ قويۇش شۇنىڭدەك ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2006 - يىللىق دوكلاتىدا، 2007 - يىلى 1 - ئايغا قەدەر خىتايدا 31 نەپەر مۇخبىرنىڭ قامالغانلىقى، 2007 - يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي مۇناسىۋىتى بىلەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاللىقاچان 12 مۇخبىرنى قولغا ئېلىپ، يەنە 10 نەچچە مۇخبىر ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قامال قىلىشتەك ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، 2006 - يىلى 4 - ئايدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى ۋە 2006- يىلى 6 - ئايدا شىئەندە يۈز بەرگەن ئۈچ چاقلىق ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى يوشۇرۇپ، مۇخبىرلارنىڭ ئېلان قىلىشىنى چەكلىگەن قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
نۆۋەتتە " بېيجىڭ گېزىتى" " جەنۇبىي جۇڭگۇ ھەپتىلىك ژورنىلى" خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان بولۇپ، " جوڭگۇ ياشلىرى گېزىتى" نىڭ تەھرىر ۋە مۈھەررىرلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئالماشتۇرىۋىتىلگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتايدا 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى تېخى يېقىندىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. (ئەقىدە)