چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى نارازىلىقى بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
2007.08.06
6 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008- يىللىقى بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ۋەدە قىلغان ئاخبارات ئەركىنلىكى بەرمىدى، دەپ ئەركىن مەتبۇئات تەرغىباتچى تەشكىلاتى نارازىلىقى بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى پائالىيەت مەيدانغا كەلگەن مۇخبىرلارنى قامال قىلدى.
مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پرېزىدېنتى جەكۇئىس روججىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر، كويزا-كىشەنلەردىن ياسالغان ئولىمپىك چەمبىرىكى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىشىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك پىلان كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر كۆۋرىكىدە نامايىش قىلدى.
باش شتابى پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلات، خىتاي ئولىمپىككە ساھىبخانا بولۇش ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا، ئاخباراتنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە قارىماي، يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇخبىرلار، سىياسىي ئۆكتىچىلەر، قارىشى پىكىردە بولغۇچىلار ۋە ئىنتېرنېتتا ماقال ئېلان قىلغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز قولغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزاسى ۋىنسېنت برىسېل: "بىز بۇ يەرگە ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى تەرغىب قىلغىنى كەلمىدۇق، بەلكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىش، ئىنتېرنېتقا بولغان چەكلەشنى ۋە رادىئو دولقۇنلىرىنى توسۇش ئىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش چاقىرىقى قىلغىلى كەلدۇق" دەيدۇ.
ھالبۇكى، ساقچى فورمىسى كىيگەن ۋە پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلار كېلىپ، كۆۋرۈكتىن چۈشۈۋاتقان مۇخبىرلارنى تۈرتۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە كىملىك كىنىشكىلىرىنى تارتىۋالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىرلار، بېيجىڭ ئولىمپىك ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىۋېلىنغان ۋە ئىككى سائەتتىن كىيىن، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيلا قويۇۋېتىلگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا 32 نەپەر مۇخبىر ۋە 50 نەپەر توردا ماقال ئېلان قىلغۇچىلار تۈرمىدە ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە قانىلى خاكلاندى
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىپلىدى
- بۇ يىل پۈتۈن يەر شارىدا، 101 نەپەر مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان
- غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- Google نىڭ خىتايچە نەشرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتىن توختىدى
- تىبەتلەر، ئافېنادىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا خىتايلارغا نارازىلىق بىلدۈردى