ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى پىتەر مەندىلسېننىڭ خىتاي ۋە ۋېيتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاياغ كىيىمدىن ئېلىندىغان باجنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى رەسمىي ماقۇللىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى، خىتاينىڭ خىتاي ئاياق كىيىملىرىنىڭ ئېكسپورتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئاياغ كىيىملىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئىشلىرىغا بىۋاستە ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا جىددىي دەلىل- ئىسپاتلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىن ئىمپورت قىلىندىغان ئاياغ كىيىملىرىدىن ئېلىندىغان باج مىقدارىنى 16.8 پىرسەنتتىن 19.4 گە كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاياغ كىيىم ئىكسپورتىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، بۇ مەسىلىسىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيە قاتارلىق ئاياق كىيىم سانائىتى مىللىي ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاياغ كىيىملىرىدىن ناھايىتى يۇقىرى باج ئېلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئەمما ئىسكاندونوۋىيە دۆلەتلىرى خىتاي ۋە ۋېيتنامدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاياغ كىيىملىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئاشۇرۇشنىڭ كېرەكسىز بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. (قانات)