باغداتتىكى پارتلاشتا 43 كىشى قازا قىلدى


2005.08.17

چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىنىڭ مەركىزىدە، ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 43 كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە 75 كىشىنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ پارتلاشلارنىڭ ئارىسىدىكى 2 قېتىملىق ماشىنا پارتلاش ۋەقەسى شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە يۈز بەرگەن. يەنە بىرسى بولسا، ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىدا پارتلىغان. بۇ چاغدا مەزكۇر دوختۇرخانىدا تېخى دەسلەپكى پارتلاشتا يارىلانغانلار داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.

بۇ ئارىدا ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار چوقۇم دۈشەنبە يەنى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن بۇرۇن، ئىسلام دىنىنىڭ ئورنى ۋە مەركەز بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ھوقۇقلاردىن قانداق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولىشى كېرەك.

ئەگەر ئۇلاردۈشەنبىگىچە بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلەلمەي، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تاماملاپ بولالمىسا، ئۇ چاغدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت تارقىتىۋېتىلىدۇ ھەمدە يېڭىدىن سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.