ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى


2005.03.11

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى جۈمە كۈنى، خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش يولىدا مۇۋاپىق تەدبىرلەر ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمى بويىچە خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا قويۇلغان چەكلىمە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىنغان. ياۋروپا توقۇلما سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسارى پېتىر ماندېلسون، بېيجىڭدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېتىر ماندىلسون خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىلەر بويىچە بىۋاستە شۇنداقلا ئاكتىپ ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن " مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشىمىز مۇمكىن"، دەپ كۆرسەتكەن.

ياۋروپا توقۇلما سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي توقۇمىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئېكسپورتى بۇ يىل 1 - ئايدا كۆپىيىشكە باشلىغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋېرون - رېۋىللې، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت كۆرسەتكۈچىدىكى ئارتىش شۇنداقلا توۋار باھاسىغا كۆرە تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.