ئەزەربەيجان، گروزىيە، تۈركىيە پرېزىدېنتلىرى بۈگۈن گروزىيىدە جەم بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ گروزىيىنىڭ مارابا شەھىرىدىن 21 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گروزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشۋىلى بۈگۈن ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل بىلەن بىرلىكتە، باكۇ-تىبلىس-قارس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىدا 'بۈگۈن بىز ئۈچۈن بىر تارىخى كۈن، بۈگۈن بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا قەدىمقى يىپەك يولىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى' دېدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەزەربەيجان، گروزىيىلەردىكى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى كاسپى دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيىگە ۋە ئۇنىڭدىن ياۋروپاغا ماڭغۇزىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بۇنىڭدىن بۇرۇن غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. ھازىر بۇ ئۈچ دۆلەتنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ رايوندا يۈز بەرگەن يەنە بىر چوڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىلانلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2008 - يىلى پۈتىدۇ. (ۋەلى)