بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادا بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىشنى تەلتۆكۈس يوق قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەكچىلەر ئورگىنى بىلەن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە، پۈتۈن دۇنيادا بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىشنى 2016 ‏- يىلىدىن بۇرۇن تەلتۆكۈس يوق قىلىش چاقىرىقى چىقاردى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دۇنيادا ھازىر 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان 126 مىليون بالا ئىشلەمچى يېزا -قىشلاقلاردا، شەھەرلەردىكى زاۋۇتلاردا چوڭلار بىلەن ئوخشاش ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنماقتا. بالا ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا زىيانلىق ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرىدىغان دورا چاچىدىغان، ئۆتكۈر كەسكۈچ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىدىغان خەتەرلىك ئەمگەكلەرگە سېلىنماقتا. بەزى دۆلەتلەردە بولسا، يېشى 10 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان قىز بالىلار كۈنىگە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بالا ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش بالىلارنى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش پۇرسىتىدىن ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، بۇ خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن خاتىرە بۇيۇم ئىشلەيدىغان زاۋۇتلاردا بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى تەكشۈرۈلمەكتە.(ۋەلى)