ئامېرىكا ماتتېل ئويۇنچۇق شىركىتىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى نى 3- قېتىم يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كىيىن، ۋولت دىسنېي كارتون فىلىم شىركىتى، ئۆزى ئىشلىگەن فىلىملەردىكى ئوبرازلارغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈستىدە خىمىيىلىك تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ۋولت دىسنېي شىركىتى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت دىسنېي كارتون فىلىم ئوبرازلىرىغا تەقلىد قىلىنغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا قارىتا ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار ماتتېل ۋە باشقا ئويۇنچۇق شىركەتلىرىنى بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدە ۋاقىپلاندۇرۇپ قويغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دىسنېي شىركىتى ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى گاري فوستېرنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان بولۇپ، 65 مىڭ دانىدىن ئارتۇق بالىلار ئويۇنچۇقى، زىبۇ - زىننەت، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە باشقا دىسنېي ئوبرازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ماتتېل ئويۇنچۇق شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە 800 مىڭ دانىدىن ئارتۇق خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي دىسنېي شىركىتىمۇ دىسنېي ئوبرازلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش پىلانىغا ئىمزا قويغان.
خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارغا ئىشلىتىلگەن سىر تەركىبىدە ئادەمگە زىيانلىق قوغۇشۇن ماددىسى بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، ماتتېل شىركىتى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان يېغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ئىچىدە،دىسنېي شىركىتى ئىشلىگەن " ماشىنىلار " فىلىمىدىكى ئوبراز ' سارگې' مودېلىدىن 436 مىڭ دانە بار ئىدى. (جۈمە)
