پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئۇچراشقان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا قاراتقان پوزىتسىيىسىنى يۇمشاتتى.
ئامېرىكىنىڭ چېخ ۋە پولشا قاتارلىق شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قاتتىق قارشى چىققان ۋلادىمىر پۇتىن، پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىپ، پرېزىدېنت بۇشقا، ئەگەر ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرسا، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سۆھبەتتىن كېيىن، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى قىزىقارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇ مەسىلىنى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىمىزدە مۇزاكىرە قىلىمىز، دېدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، پرېزىدېنت بۇشقا بۇ سىستېمىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا "كۈتۈلمىگەن بىر ھەرىكەت " دەپ باھا بەرمەكتە.
غەرب دۆلەتلىرى، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى قوللاۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مۇداپىئە سىستېمىسىغا قاتتىق قارشى چىقماقتا. (ئەقىدە)