دۇنيا بانكىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قەرز بېرىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بانكىلىرىنى ئەيىبلىدى


2006.10.24

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان مالىيە ۋاقىت گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە،يېقىندا، دۇنيا بانكىسى پرېزىدېنتى پاۋل ۋولفوۋىتز (Paul Wolfowitz) خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قەرز بېرىشتە، مەزكۇر جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت ئۆلچەملىرىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

مالىيە ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى پرېزىدېنتى پاۋل ۋولفوۋىتز (Paul Wolfowitz) فرانسىيە لېس ئىكو گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتايدىكى چوڭ بانكىلارنىڭ 2003 ‏- يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان خەلقئارا مالىيە ھەمكارلىشىش پرىنسىپىنى كۆزگە ئىلماي خەلقئارا بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنى پۇل قەرز بېرىشتە ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ئۆلچىمىگە بويسۇنمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا، پەقەت مەزكۇر جايدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ۋە بازارلىرىنىلا كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پاۋل ۋولفوۋىتز (Paul Wolfowitz) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا بانكىسى مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە تېزدىن بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇخىل تەنقىدىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ " دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ خىل تەنقىدىنى قوبۇل قىلالمايمىز، بىزنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودىمىز باراۋەر پرىنسىپ ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.