ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرماسلىققا چاقىردى


2007.09.30

بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىشچى راھىبلارنى باستۇرۇپ، ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسى ئىبراھىم گانبارى بېرمىغا يېتىپ كېلىپ، بىر قانچە بىرما ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي رەھبەرلىرى بىلەن شۇنىڭدەك دېموكراتىك گۇرۇھلار رەھبىرى ئاڭسان سۇچى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، بىرما ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە بىرما رەھبەرلىرىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش سېكرىتارىنىڭ ئاغزاكى بىلدۈرۈشىنى يەتكۈزگەن.

ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما دائىرىلىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتە ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىبراھىم گامبارىنىڭ مەقسىتى بىرما ئالىي ھەربىي رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى نامايىشچىلارنى باستۇرماسلىققا قايىل قىلىش ھەمدە نامايىشلارنى قانلىق باستۇرماسلىققا ۋەدە ئېلىش شۇنىڭدەك ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا دىئالوگ قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلادىن ئىبارەت.

شۇڭا ئۇ 30- سېنتەبىر كۈنى راڭگۇن شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ۋە قامال قىلىشى ئاستىدا تۇرىۋاتقان دېموكراتىك ئۆكتىچى داھىيسى ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى ئاڭ سان سۇچى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغان .

ھازىر راڭگۇن قاتارلىق شەھەرلەرگە زور ساندىكى ئەسكىرى قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى نامايىش يۈز بەرمىگەن. ئۆتكەن ھەپتىدىكى باستۇرۇشتا بىرما تەرەپ ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.