ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى


2004.10.12

ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج W بۇشقا بىر پارچە تەكلىپ سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ، خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا توقۇمىچىلىق ساھەسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېلەر يىلى -1 ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ 10 تۈردىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتى خېتىدە، " ئەگەر ھۆكۈمەت دەرھال چارە قوللۇنۇپ خىتاينىڭ 10 تۈرلۈك توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى دەرھال توختاتمىسا، ئامېرىكىدا يەنە 650 مىڭ خىزمەت پۇرسىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ 10 تۈرلۈك خىتاي ماللىرى ئاساسلىقى، ئىشتان، كۆينەك، پاختا كىرلىك ۋە پاختا يىپ قاتارلىقلار ئىكەن.

مەزكۈر تەشكىلات يەنە، ئەرزان خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكىدا سودا ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن سىرت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ، خىتاي ماللىرىنى تېخىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەكلىپنى سۇنغان ۋاقتى دەل ئامېرىكا پرېزدېنت سايلام رىقابىتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن مەزگىل بولۇپ، پرېزدېنت بۇش تەختكە چىققاندىن بۇيان شەكىللەنگەن ئىشسىزلىق ئەھۋالى ئاساسلىق رىقابەت تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.