ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، سۇدان ھۆكۈمىتىنى توقۇنۇش ئىچىدىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىغا تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە بېرىشنى تەكلىپ قىلدى.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالى كومېسارى رۇد لۇببېرس، بىرىتانىيە رادئىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ تەكلىپ مۇنازىرە پەيدا قىلىشى مۈمكىن، بىراق مەخسىتىم ئۆي - ماكانىدىن قوغلانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق دارفۇرلۇقنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسەتتى . ئۇ، رايۇندىكى مەسىلىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ نوقۇل ھەركىتى دەپ ئاددى چۈشەنگىنى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، سۇدان ھۆكۈمىتىگە مەسىلىنى ئاپتونومىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپى بەرگەن.
دارفۇردىكى قوراللىق توقۇنۇش ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا پارتلىغان. دارفۇردىكى يەرلىك ئافرىقىلىقلارنىڭ نارازىلىقى، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى جانجاۋېد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئامېرىكا جانجاۋېد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكالاپ، سۇدانغا ئىمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق خىتاي سۇدانغا ئىمبارگو قويۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇدان خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم نېفىت ئىمپورت مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي ، خىتاي سۇداننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ دۆلەت ئىكەن. (ئەركىن)