ب د ت باش كاتىپى دۇنيانى ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ ئىالى كومېسارى لۇىىسسا ئىاربور، جۈمە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېرورىزىمغا قارشى ئىۇرۇش ئىەركىنلىكتىن ۋاز كېچىشنىڭ باناسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك دەپ ئىاگاھلاندۇردى . ئىۇ ، قىيناپ ئىىقرا قىلدۇرۇشنى سوراق جەرىيانىدىكى قانۇنلىق ھەركەت دەپ ھىساپلاشدەك ئىاۋارچىلىققا ئىۇچراۋاتقانلىغىنى ئىەسكەرتىپ ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىۆز خەلقىنى تېرورىزىمدىن قوغداش ۋەزىپىسى بار ، ئىامما تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش ئىۆلچېمى خەلقنى ئىەركىنلىكتىن ۋاز كېچىشكە قىستىماسلىقى كېرەك دەپ كۆرسەتتى . ئىۇ يەنە مۇنداق دىگەن : بىزنىڭ ھەممىمىزگە ئىېنىقكى تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش دىگەنلىك ، ئىەركىنلىكىمىزدىن ۋاز كېچىپ ئىۆزىمىزنى قوغداش دىگەنلىك ئىەمەس .

لۇىىسسا ئىاربور يەنە مۇنداق دەيدۇ : تېرورزىم بىزنىڭ بىباھا كىشىلىك قىممەت قارىشىمىزغا تەھدىت سالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، بىراق بىزنىڭ ھەركىتىمىز قانۇندىن چىقىپ كەتمەسلىگى كېرەك . ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېسارى بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە چاقىرىلغان "تېرورىزىم ۋە كىشىلىك ھوقۇق" دىگەن تېمىدىكى خەلقارا يىغىندا تەكىتلىگەن . ئىۇ ، تەن جازاسىنىڭ ھىچقاچان قانۇنلۇق ھەركەت ھىساپلانمايدىغانلىقىنى ئىەسكەرتىپ ، ئىامېرىكا ئىەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 2002 - يىلى چىقارغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتى ئىۆزىنى چوڭقۇر ئىەندىشىگە سالغانلىقىنى ئىىلگىرى سۈرگەن .

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى ئىىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىۇيغۇر ئىاپتونوم رايونىدىكى سىياسى ۋە دىنىي مەھبۇسلارغا قارىتا تەن جازاسى ئىېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرىۋاتقانلىقۋىنى بىلدۈرگەن ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىەھۋالىنى تەكشۈرىشكە ئىادەم ئىەۋەتىدىغانلىقىنى ئىېلان قىلغان ئىىدى . بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرىش ئىەمەلدارىنىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن . خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئىورگانلىرى تەرىپىدىن ئىۇيغۇلار ئىىچىدىكى سىياسى ۋە دىنىي مەھبۇسلارنى تېخىمۇ قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئىېلىش بىلەن تەنقىتلەنمەكتە . (ئەركىن)